قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئامېرىكىلىق، ھەربىي خادىم ئەمەس بولۇپ، ئۇ پەقەت بازىدا ئىشلىگۈچى خالاس، شۇڭا بۇ مەسىلە دىپلوماتىيىلىك مەسىلىلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فاۋساۋات چائۇن ئىجارىدە ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ ئۆيدە تاماكا چېكىپ، ئوتنى ئۆچۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئوت كەتكەنلىكى بىلەن ئۇنى ئەيىبلىگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن، كۆيۈپ كەتكەن ئۆي ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار تەلەپ قىلغان. بىراق، ئۇ پۇلنى تۆلىمىگەنلىكى سەۋەبى بىلەن زىيان تارتقۇچىنىڭ ئەرزى بويىچە ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالغان. بۇنداق قارارنى بىشكەك شەھەرلىك رايونلۇق سوت قارار قىلغان.
ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رازىلىق بېرىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، بازىنىڭ كىرا ھەققى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ بېرىلگەن. بىشكەك بۇ بازىنى ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ بازىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ئىنكاسلاردا بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.