قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت ياسىماقچى

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونى بۇيىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت سېلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى باستى. بۇ مەسچىت قازاقىستاننىڭ شەمەي شەھىرىدە قۇرۇلىدۇ، 1 - ماي كۈنى ھۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مەسچىت ئۈچۈن ئىككى مىليون 250 مىڭ دوللار سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن. مەسچىتنى قۇرۇشنى تۈركىيە شىركىتى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، مەبلەغ ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئىئانە بېرىشى يولى بىلەن ھەل قىلىنىدىكەن.

شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ ۋالىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا بۇ مەسچىت بىلەن تەڭلىشىدىغان ئىككىنچى بىر مەسچىتنىڭ ھازىرچە يوقلۇقىنى، مەسچىتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ تۆت مىڭ گېكتار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ مەسچىت پۈتسە، ئۇنىڭ ئىچىدە بىراقلا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقىيالايدىكەن. نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەردە ئىسلام دىنىنىڭ قايتىدىن جانلىنىۋاتقانلىقى، ئۇزۇن مەزگىل ئاتېئىزم تەربىيىسى ئاستىدا، ئۆز دىنىي مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلامىي ئېتىقادنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قازاق مەتبۇئاتلىرىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ تەربىيىلىگەنلىكى، قازاقلار ئارىسىدىن خېلى كۆپ ساندا ياش ئەۋلاد دىنىي ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىپ، خەلقنى دىنىي بىلىم ھەم ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن تەربىيىلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.