قەشقەردە " ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى دىيارى قەشقەر شەھىرىدە ئىككى - ئۈچ كۈندىن بۇيان قەشقەر ئوتتۇرا - غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادى چەمبىرىكى قىلىش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلانغان مەزكۇر يەرمەنكىگە قوشنا دۆلەتلەردىن پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر ھەم خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ كارخانچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، گەرچە سۈپەت ۋە سودا مىقدارى ھەم جەلپ قىلىنغان خېرىدارلار جەھەتلەردىن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىلىرىدىن كۆپ ئارقىدا بولۇشىغا قارىماي، قەشقەر يەرمەنكىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جەمئىي ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يەرمەنكىدە 391 تۈر بويىچە 14 مىليارد يۈەن قىممىتىدە سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىنىڭ ماللىرىنى غەرب تەرەپكە چىقىرىشتىكى مۇھىم بازا، غەربىي ئەللەرنىڭ ماللىرىنى شەرققە كىرگۈزۈپ سېتىشتىكى مەركەز قىلىش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، شۇ مەقسەت بىلەن قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىي تەرىپىدىكى شېنجېن قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

قەشقەر ھىندىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىشتەك مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ ھال خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا، ھىندى ئوكيان دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەربىي - سىياسى ھەم ئىقتىسادىي شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.