قىرغىزىستاننىڭ "ئاكىپرېس" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشىدە كەڭچىلىك قىلىشىنى ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بىر كونسۇلخانا پونكىتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ھەم ئىشلەشكە قىزىقىدىكەن.
ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەلچى ئىككى دۆلەت ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئەمما، نيۇيورك ۋە باشقا شەھەرلەردە تارماق كونسۇلخانىلىرى يوق، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىغا كېلىپ - كېتىۋاتقان قىرغىزىستانلىقلارنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپىيىشى بىلەن مۇنداق ئېھتىياج پەيدا بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ھەربىي بازىسى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان تەرەپ بۇ بازىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت مۇقىملاشقانغا قەدەر تۇرۇشىغا قوشۇلغان. بىراق، شاڭخەي گۇرۇھى بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى مەلۇم.