شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيىنىڭ مەيدانىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرمىدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئاياقلاشتى.

يىغىن ئەسلىدە تەشكىلاتنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش، قاتناش ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش شۇنىڭدەك ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە بىلەن بولغان قوراللىق توقۇنۇشى سەۋەبلىك يىغىننىڭ ئەسلىدىكى پىلانىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسىلىدە رۇسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولۇپ، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتقان مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر يەنىلا رۇسىيىنى قوللاش پوزىتسىيىسى بىلدۈرمىگەن.

بىرىنچى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ يىغىن نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، " بىز يىغىن ئەھلىنىڭ رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە رايونىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا توغرا باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەيدانى خەلقئارانىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ" دېدى.

بۇ ئارىدا غەربتىكى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىنىڭ بۆلۈنگەن ئىككى رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى. باياناتتا يەنە رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلىش ۋە قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1 ‏ - سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيىگە قورال ئىمبارگوسى قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.