"ئاسىيا پلۇس" دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىنىستىرلار يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنكى، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان شۇنىڭدەك ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي - بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
ئەمما، يىغىنغا قاتناشقان رۇسىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر كالمىكوۋ بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ بىر ھەربىي - سىياسىي ئىتتىپاق ئەمەسلىكى ھەم بۇنداق بولۇشقىمۇ ئىنتىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
قىرغىزىستان "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنلەردە يەنە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئازا مەملىكەتلەرنىڭ پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ كۈنلەردە خىتاي پارلامېنت ۋەكىللىرى بىشكەكنى زىيارەت قىلغان.