27 - مايدىن باشلاپ ئاستانادىن ئۈرۈمچىگە يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - ماي كۈنى ئاستانادىن خەۋەر قىلىشىچە، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان بىر شىركەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا، 27 - مايدىن باشلاپ ئاستانادىن ئۈرۈمچىگە يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ، دەپ جاكارلىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ، قازاقىستاننىڭ خىتايغا بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يولۇچىلار پويىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.