ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرى كارزاي ۋە باشقا ئەربابلارنى دەرھال مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندا قورشىۋېلىپ يوقاتقان، بەزىلىرىنى قولغا ئالغان.
بۇ دەل ئافغانىستان دۆلەت ناخشىسى ياڭراپ، بايراق چىقىرىلغان پەيت بولۇپ، رەئىس سەھنىسىدە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ئەل ئەلچىلىرى ھەم ھەربىي قوماندانلار جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئەلچىسى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاتارلىق شەخسلەرمۇ بار ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پارات بىكار قىلىنغان بولۇپ، مەيدان قامال قىلىنغان. شۇ كۈنى ھامىت كارزاي تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالىبان قالدۇق قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى ھامىد كارزايغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئالتە ئادەمنى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.