ۋەردەك ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەلى ئەخمەت كاشىنىڭ فرانىسيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئافغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى گۆرۈگە ئىلىنغان خىتاي ئىنژېنېرنىڭ شوپۇرىنى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىۋالغان. لېكىن خىتاي ئىنژېنېر ھېلىمۇ گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى زەبىبۇللا مۇجاھىد، تالىبانلارنىڭ خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنژېنېر، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى ۋەردەك ۋىلايىتىگە تۇتاشتۇرىدىغان تاش يولنى ياساشنى ھۆددىسىگە ئالغان خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن.