ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان گۇماندارلار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ساقچىلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرك ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان جىنايەتچىلەردىن 3 نى قولغا ئالدى.

تۈركىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاتالاي پەيشەنبە كۈنى، جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغاشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى جىددىي تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، 3 نەپەر ساقچى ۋە 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئۆلگەن بولۇپ، ساقچىلار ئەسلىدە مەزكۈر زوراۋانلىقنىڭ بىرەر تېررور تەشكىلاتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. بىراق مۇتەخەسسىسلەر كىچىك تىپتىكى ئوققا تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررور تەشكىلاتلىرى پىلانلىغان ھۇجۇملاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكا كونسۇلخانىسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ نىشانى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللانغان ئۈچ كىشى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئىشىكىدە پوستا تۇرۇۋاتقان تۈرك ساقچىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولۇپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن تۈرك ساقچىلىرى 3 كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەن ئىدى.