ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش يەكشەنبە كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى ئىران ۋە سۈرىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان شۇنىڭدەك مىسىردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىران بىلەن سۈرىيىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەكلەش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. بۇش بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىنى خاماس تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.
نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق بىلەن يارىشىشقا چاقىرىپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت ئېغىر بولۇپ، خاماس پارتىيىسى ماخمۇد ئابباسنىڭ فاتاھ پارتىيىسىنى ئەيىبلىمەكتە. خاماس ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنى شەرت قىلغان بولۇپ، بۇ غەربنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىراننىڭ ئاتوم پىلانىمۇ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش يەنە پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشىغا پۈتۈشكەن ۋە ئافغانىستان ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇلار ئىككىسى مىسىردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدى.