بۇ ئىككى كىشىگە، ئىسرائىلىيىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇد ئابباس ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قەدىمىگە رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، چۈنكى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بۇ قارارنى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ماخمۇد ئابباس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا ئالغان ھەمدە ۋەدە بەرگەن ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغا كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس خانىم دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنگە بېرىپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن تىنچلىق ۋە كېلىشىم مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.