ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت رەسمىي ئىستىپا بەردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.21

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئورمۇتنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيە سىياسەت قاتلىمىدىكى مۆتىدىللار قاتلىمىغا مەنسۇپ تزىپپى لىۋنىنىڭ 42 كۈن ئىچىدە يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى 120 ئەزانىڭ 61 نەپىرىنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە تەۋە ئادەملەر بولۇشى بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئۇ، 61 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولغان يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللىيەلمىسە، باشقا ئادەمنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىشى لازىم ئىكەن.

ئورمۇت 7 - ئايدا ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچكەن.

ئورمۇت پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغان شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇ مەسىلە ھەل بولمىدى. پەلەستىن - ئىسرائىلىيە كرىزىسىنىڭ كېلەركى قېتىملىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى مەزگىلىدە قانداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.