رۇسىيە تۈركىيىنىڭ بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا چەك قويدى

رۇسىيە يازا ئىگىلىك دائىرىلىرى 7 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن تۈركىيىدىن رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىلىدىغان بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيىگە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چەك قويۇش پەقەت ۋاقىتلىق خاراكتېرىغا ئىگىدۇر. ئەمما قاچاندىن باشلاپ يەنە قايتىدىن كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؟ بۇ تېخى نامەلۇم.

خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە ئاساسلىقى تۈركىيىنىڭ پەمىدۇر قىيامى، كارتوشكا قاتارلىق كۆكتاتلىرىدىن باشقا يەنە ئۈزۈم ۋە لىمون قاتارلىق مېۋىلىرىنىڭ رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىلىپ سېتىلىشىنى توسۇپ قويغان.

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقى، رۇسىيىنىڭ مۇنداق چەك قويۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ تۈركىيىنىڭ 2008 - يىلىدىن باشلاپ رۇسىيىگە كىرگۈزگەن بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىش مىقدارى رۇسىيە ئۆلچىمىدىن يۇقىرى ھەمدە رۇسىيىنىڭ سالامەتلىك ۋە پاكىزلىق ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقىدا ئىكەن.

مەلۇمكى، تۈركىيە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان رۇسىيە بازارلىرىنى مېۋە - چېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى تۈركىيىلىكلەرلا ئەمەس، ھەتتا رۇسىيىلىك تىجارەتچىلەر ئۆزلىرىمۇ ئېلىپ كىرىدۇ، تۈركىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى، موسكۋا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى تەمىنلەش رولىنى ئوينىماقتا.