تۈركىيە ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پكك دەپ ئاتالغان كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم تېررورچى ئۇنسۇرلىرى ئىراق تەۋەسىدىن يوشۇرۇنچە تۈركىيە تەرەپتىكى ھاككالى ئۆلكىسى تەۋەسىگە كىرىپ، تۈرك ھەربىي ئەترەتلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان ھەمدە ئىككى نەپەر تۈركىيە ھەربىي خادىمى ئۆلتۈرگەن. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بومباردىمان قىلغان.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تۈركىيە ئارمىيىسى ئىراق تەۋەسىگە كىرىپ، كۇرد قوشۇنلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك زەربىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، لېكىن پكك يوشۇرۇن گۇرۇپپىلىرىنىڭ قارشىلىقلىرى توختىمىغان. شەنبە كۈنى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 19 نەپەر پكك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.