خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۇيۇقسىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۈينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىپ، چېن چۈەنگونى قايتۇرۇپ كېتىشى، خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. خەلقئارالىق ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ھەر خىل قىياسلاردا بولغانىدى. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ما شىڭرۈينى يۆتكەپ كېلىش مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ رايوندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي 27-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي-تېخنولوگىيە تەرەققىيات رايونىنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىدىكى ئالدىنقى نۇقتىلارنىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندا «تەمىنات زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»، خەلقئارالىق سودا شارائىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سۈرۈپ، كارخانىلارنى قوللاشتا باج كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش، بولۇپمۇ خەلقئارالىق سودىنى ئالغا سۈرۈش كېرەك ئىكەن.
ما شىڭرۈي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تۈپەيلى قاتتىق خەلقئارا بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، دۇنيا بازىرىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى-كۆپ ئارىلاشمىلىق كىرىمنېي ماددىسى، شۇنداقلا پەمىدۇر ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا يۆتكەپ كېلىنگەنىدى.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلگەن دۇنيا تەمىنات زەنجىرىدىكى ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ تەمىنات زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى «مەجبۇرىي ئەمگەك ھالىتىگە كىرىپ بولغان ئۇيغۇرلار» نىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىكەن.
ما شىڭرۈي ئىلگىرى 5 يىلدەك خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىسى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كېلىنىپ رايوندىكى ئەمەلدارلارغا ئاچقان تۇنجى يىغىنىدا، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق داۋاملىق «باش نىشان» بولسىمۇ، بىراق مەركىزىي نۇقتىنىڭ «تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تەڭشەشكە» قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكادىكى يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مانىڭ سۆزى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن. ئامېرىكالىق ئوبزورچى ۋە ئادۋوكات، «خىتاينىڭ كەلگۈسى يىقىلىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى بېكىتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گوردون چاڭ 29-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسىتىدە ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولسا، بۇ ئۆزگىرىش تېخىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئالمىشىشى ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ سىياسەت پارتكوم سېكرېتارى تەرىپىدىن بېكىتىلمەيدۇ. بەلكى، سىياسىي بيۇر دائىمىي كومىتېتى ۋە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈلۈك يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان».
گوردون چاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۆزگىرىش بولسا تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ، دەپ قارىشىدىكى سەۋەب، «چۈنكى شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارىتا ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشىگە ئىشەنمەيدىكەن».
ئۇ يەنە خىتاينىڭ پارتكوم سېكرىتارىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نورمال خەلقئارا سودىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ئۇلار ئامېرىكاغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. لېكىن بۇ خىتاينىڭ سىياسىتى ئەركىنلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭ سىياسىتى بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىدۇ. بۇ يەردە خىتاي پەقەت ئۆزىنىڭ نورمال سودىسىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلىش ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشمۇ خاتا. چۈنكى، بۇ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلارنى خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي غەلىبىسىگە ئېلىپ بارىدىغان قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار قىلىدۇ».
ما شىڭرۈي 27-دېكابىر قىلغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىشى، ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، رايوننىڭ تەمىنات زەنجىرى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، باج كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق سودا قىلىش شەرت-شارائىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ «مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سۈرۈشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنى قوللاش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش زۆرۈرلۈكى» نى بىلدۈرگەن.
ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەردە چوڭ كارخانا، يېزا-بازارلاردا كۆلەملەشكەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كارخانا، كەنتلەردە مىكرو كارخانا، ئائىلىلەردە ئائىلە كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، گەۋدىلەشكەن بىر سىستېما بەرپا قىلغان، شۇنداقلا بۇنى 19 ئۆلكە-شەھەر ئارقىلىق خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىگە باغلىغان. ئۇ «ھەممە ساھەنى ئىزدىسەك، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر دېتال تېپىلىدۇ» دېدى.
لېكىن خىتايدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭنىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى پويىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشقا كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق «كۇئارتز» تور گېزىتى يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن ئۈرۈمچى-قورغاس، قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان تۆمۈريول قاتنىشىنىڭمۇ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا تۆمۈر يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا مال يۆتكەش ئېھتىياجى شىددەتلىك ئارتىپ، 176% ئاشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن لىتۋا ئارىسىدىكى ئىختىلاپ، پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كرىزىسى، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن مەھسۇلات خىتاي چېگرا ئېغىزلىرىدا بېسىلىپ قالغان.