قانلىق تارىخ ئۇنتۇلمايدۇ: تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەدەر
2023.06.06
«قانلىق تارىخ ئۇنتۇلمايدۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئىنسانلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسىنى يوقىتالمايدۇ! »
4-ئىيۇن كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 33 شەھەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە 1989-يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 34 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، ھالبۇكى خىتايدا مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل ئۇچۇرلار چەكلەنگەن. «قىرغىنچىلىق بىر قېتىملا يۈز بەرمىدى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرىلا 3-4-5-ئىيۇن كۈنلىرى بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك سۆز، سان-سىفېر، رەسىم، شوئار، تانكا سۈرەتلىرى ۋە باشقا بارلىق نازۇك ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى تامامەن چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا 5-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «خوڭكوڭدا 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاشكارا خاتىرىلەشكە بولمايدۇ، 20 دىن ئارتۇق كىشى خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ھەر يىلى زور داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەيدىغان خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ سانى بۇ يىل ئەڭ ئاز بولغان. شۇنداقتىمۇ، 23 كىشى «جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئاخىرقى 3 يىلدا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ قانلىق تارىخنى ئەسلىشىگە يول قويماي كەلگەن.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قانلىق تارىخىنى كوللېكتىپ ئەسلىشىدىن قورقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان «خوڭكوڭدا 4-ئىيۇن: شەخسىي ئەسلىمىلەر ئۆلمەيدۇ، كوللېكتىپ ئەسلىمىلەر ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ» ناملىق خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە خوڭكوڭدا 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خەلقنىڭ خاتىرىسىدىن پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن. بىراق خوڭكوڭ زىيالىيلىرى ئىنسانلارنىڭ بۇ «قانلىق تارىخنى ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر كىشىلەرنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسىنى يوقىتالمايدۇ» غانلىقىنى بايان قىلىشقان. تەيۋەندە بولسا بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «نومۇس تۈۋرۈكى» نىڭ تەقلىدىي ئۆرنىكى تىكلەنگەن.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 4-ئىيۇن ئېلان قىلغان «4-ئىيۇن باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىيلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «بۇندىن 34 يىل ئىلگىرىكى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىنى قاپلىغان، جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا قەدەر سىڭگەن دېموكراتىيەگە بولغان تەلەپلەرنى تىنچ شەكىلدە ئىپادىلەش ھەرىكىتىگە ئاپتومات، تانكىلار بىلەن خاتىمە بەردى. 34 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات ماشىنىلىرى ۋە پىكىرلەرنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ، بۇ ھەرىكەتنى ۋە 6-ئاينىڭ 4-كۈنىنى جامائەت پىكرى بوشلۇقىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ بىر مەيدان زىلزىلە پەيدا قىلغان پائالىيەتنى ھەمدە سانسىزلىغان بەختسىز قۇربانلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى ئۈنسىز-ساداسىز يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.»
خەۋەردە يەنە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قارا تارىخىنى يۇيۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ‹يەتتىنى سۆزلىمەسلىك› دەيدىغان بەلگىلىمىسى بار. بۇنىڭ بىرى بولسا ‹تارىخىي خاتالىقلارنى سۆزلىمەسلىكتۇر› . ئەمما بىز تارىخنى ئەستە تۇتماقچى بولساق، 4-ئىيۇننىڭ تارىخىنى ئەستە تۇتۇشىمىز، ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› نىڭ تارىخىنى ئەستە تۇتۇشىمىز، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنى ئەستە تۇتۇشىمىز، شاڭخەيدىكى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولىنى ئەستە تۇتۇشىمىز لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخنى ئەستە تۇتۇشنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىدۇر.»
ئەلۋەتتە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇندىن 34 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق تارىخى ھەققىدە توختالغاندا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەرنىڭ غىدىقلىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى، يېقىنقى 6-7 يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ خۇسۇستا قارىشىنى بىلدۈرگەندە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى بۇندىن 34 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېخىمۇ زور كۆلەمدە، تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا بۈگۈن يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«4-ئىيۇن باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىيلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە ئىزاھلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانلىق تارىخى يالغۇز 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى «يەر ئىسلاھاتى» ، «چوڭ ئاچارچىلىق»، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرلىرىدىمۇ سانسىزلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان ئىكەن.