1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجا ياشلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە غەيرىي رەسمىي « سوت» ئېچىلىپ 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ھەتتا بالىلىرى ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «سوت» قا قاتنىشىشقىمۇ يول قويۇلمىغان ئاتا-ئانىلار سىرتتا تىت-تىتلىق ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ. ئادالەتسىز « سوت» ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قول، پۇتلىرى چەمبەرچاس باغلىنىپ ھەربىي ئاپتوموبىل ئارقىلىق جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغىنىدا، توپ ئىچىدىن بىر ئانىنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىدۇ. ئانا يىغا-زارى بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن يۈگرەيدۇ. ئاياغلىرى پۇتىدىن چۈشۈپ قالسىمۇ يۈگرەيدۇ. لېكىن، ئۆلۈم مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىللار 11 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ ئۇزاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن 16 يىل بۇرۇن بۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئابلىمىت تۇرسۇن چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىسىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئوغلىدىن تىرىك جۇدا بولۇشنىڭ قايغۇسىدا يۈرىكى پارە-پارە بولغان ئانا شۇ كۈندىن باشلاپ روھىي جەھەتتىن بىراقلا تۈگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغان ئابلىمىت تۇرسۇن بىچارە ئانىغا تەسەللى بېرىدىغان پۇرسەت ئىزدەپ بىرقانچە كۈنگىچە قورۇ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى سەھەردە ئۇ چاچلىرى قاردەك ئاقارغان ئانىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ يول بويىدىكى دەرەخلەرگە سۆزلەپ نالە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئوغلىنى بىمەزگىل يوقاتقان كۆيۈمچان ئانىنىڭ قەلبىدىكى بارلىق قايغۇ-ھەسرەتلىرى ۋە دەرد-ئەلەملىرىنى دەرەخلەرگە، شىلدىرلاپ تۇرغان يوپۇرماقلارغا تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئابلىمىت تۇرسۇن بۇ مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايدۇ.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئاخىرىدا 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشى شىددەت بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھاپىلا-شاپىلا قۇراشتۇرۇلغان غەيرىي رەسمىي «سوت» لاردا قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۆز دەۋرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنىڭ ئەمدىلەتىن تۈرمىلەردىن چىقىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.