پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھىجرەت سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئوغلى 20 يىللىق كېسىلگەن
ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ، يول تاپالماي يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق كېسىلگەن ئابدۇراخمان روزى ئايكۆلدىكى ئاكتىپ كومپارتىيە ئەزاسى روزى ئابلىزنىڭ ئوغلى ئىكەن.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-03-29 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار(8)
ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبەبازاردىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىئومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا 19 ياشلىق مەھكۇم ئابدۇراخمان روزىنىڭ ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققانلىقى، ئەمما يول تاپالماي يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.
خەتتە يەنە مەھبۇس ئابدۇراخمان روزىنىڭ ئايكۆلدىكى ئاكتىپ كومپارتىيە ئەزاسى روزى ئابلىزنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىرىمىز بۈگۈن روزى ئابلىزنى زىيارەت قىلىپ ئوغلى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. روزى ئابلىز، ئالدىنقى يىلى كۇنمىڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئوغلىنىڭ كۇنمىڭدا ئىكەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن ئوغلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يۇرتىغا قايتۇرغانلىقى، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قولغا ئېلىپ 20 يىللىق كەسكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.