خىتاي 38-كۈنىدىمۇ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى تاپالمىدى

0:00 / 0:00

ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن سوغان كۆمۈركان ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى ئىزدەش مەشغۇلاتى بۈگۈن 38‏-كۈنىگە قەدەم قويدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بايدىكى تېرەك بازار ۋە قوشنا يېزىلاردىكى ساقچىخانا ۋە ئالاقىدار ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك نۆۋەتچى خادىملىرىدىن ئېنىقلىشىچە، گۇماندارلار تا بۈگۈنگىچە يەنى 26-ئۆكتەبىر كۈنىگە قەدەر تۇتۇلمىغان. ئاقسۇ بايدىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ چارلاش ۋە تۇتۇش مەشغۇلاتى ئىزچىل ھالدا داۋام قىلماقتا. ئەمما دائىرىلەرنىڭ، ۋەقە گۇماندارلىرىنى تېپىشقا قايسى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، ۋەقە ئۇچۇرىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈنمۇ شۇ دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، يەنى ئۇچۇر كونترولىنى قاتتىقلاشتۇرغانلىقى زىيارەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياتچان ۋە ئەنسىز جاۋابلىرىدىن مەلۇم.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.