«ساختا» قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان 98 ئۇيغۇر ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى تۈپەيلى قىرغىزىستان ساختا پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان 98 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن 17‏-ماي كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان.

سەئۇدىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن جىددىدە ئايرودرومىغا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇشلىرىنى كۈتۈۋېلىش چىققان 40-50 چە ئۇيغۇر ئايرودرومدىن قۇرۇق قول قايتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىش ئېھتىماللىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەھۋالدىن يېڭىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە بۇنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.