بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىدا يۈز بەرگەن 9-ماي توقۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. نۆۋەتتىكى پروگراممىمىزدا يەنە شۇ توقۇنۇش داۋامىدا گۇماندارنىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ ئېرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى تاياق-توقماقتىن قوغدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭمۇ ئېغىر زەخىملىنىپ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى؛ توقۇنۇش داۋامىدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي باشلىقلارنىڭ ئۇيغۇر كەنت مەسئۇللىرىنى ۋەقەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۆزلىرى قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالغا ئۆلگۈچى كەنت مەسئۇللىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازى بولغانلىقى قاتارلىق جەريانلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
يېڭىساردىكى ۋەقەدە، 3 ئەر كىشىدىن باشقا يەنە بىر ئايال كىشىمۇ جان ئۈزگەن. گۇماندار ئالىم ئەبەينىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىم، ئېرىنىڭ مەھەللە ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنى تاياق توقماقتىن قوغدىغان. ۋەقە پەسەيگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ئالىم ئەبەينى دوختۇرخانىغا، نۇرىمانگۈلنى بولسا ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭغان.
ساقچىلار نۇرىمانگۈلنىڭ سوراق داۋامىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر، نۇرىمانگۈلنىڭ يۈرەك كېسىلى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ۋەقە جەريانىدا ۋە ياكى سوراق جەريانىدا يېگەن تاياق زەربىسى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، نۇرىمانگۈلنىڭ جەسىتى تېخىچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى مەھەللە جامائىتىگە بېرىلمىگەن. دائىرىلەرنىڭ نۇرىمانگۈلنىڭ جەسىتىنى تېخىچە ساقلاۋاتقانلىقى ياكى ئۇن-تىنسىزلا كۆمۈۋەتكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
بۇ قېتىمقى ۋەقەدە دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى، ئۆي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خىتايلارنىڭ ئىشنىڭ ئالدىغا ئۆتمىگەنلىكى، ئۇيغۇر كەنت مەسئۇللىرىنى توقۇنۇشتا ئالدىغا ئىتتىرىپ قويغانلىقى ۋە ۋەقە چىققاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكى. بۇ ئەھۋال ئۆلگۈچى كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ نارازىلىق دىنىي زاتلارنىڭ تەلىم ۋە تەسەللىلىرىدىن كېيىنلا پەسكويغا چۈشكەن.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىدە داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى كەنت مەسئۇلىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن ھەم بۇ مۇراسىمدا، ۋەقە داۋامىدا گۇماندار ئالىم ئەبەي ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇرۇپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان 7 نەپەر مەھەللە ئامانلىق خادىمى يەنى مىنبىڭ مۇكاپاتلانغان. ئەمما گۇماندار ئالىم ئەبەينىڭ قېينانىسى گۈلقىز تېخىچە قاماقتا تۇتۇلماقتا.
ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن گۇماندار ئالىم ئەبەينىڭ 22 نەپەر سەپدىشىدىن 16 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما بۇ 16 سى تۇتۇلۇش داۋامىدا ھەرقايسى جايلاردا يەنە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.