ساقچىلار ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر باققالنى ئېتىۋەتكەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمىدى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇر باققالنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز، ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر تەۋەلىككە تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلالمىدى. 2-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئوقتا يارىلانغان يارىدارغا بىر كېچە قارىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆزى دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندا باققالنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئىككىنچى كۈندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باخۇلياڭ ساقچىخانىنى زىيارەت

مۇخبىر: قايسى كۈندىكى باققال بالىنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى سىلەرنىڭ تەۋەلىكتە يۈز بەردىمۇ؟
خادىم: ياق، بىزنىڭ تەۋەلىكتە ئەمەس، نەنگۈەن ساقچىخانىنىڭ تەۋەلىكىدە يۈز بەردى.

مۇخبىر: ئېتىۋېتىلگەن بالىنىڭ ئىسمى نېمىكەن؟
خادىم: مېنىڭ خەۋىرىم بولمىدى.

مۇخبىر: قايسى ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن؟
خادىم: توختاڭ، مەن سىزگە بىزنىڭ دىلشات جاۋداۋيۇەننى چاقىرىپ بېرەي.

مۇخبىر: دىلشات ياخشىمۇسىز؟ بىز ئېتىۋېتىلگەن باققال بالا ھەققىدە يەرلىك ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات ئالايلى دېگەنتۇق.
خادىم: ھەرقانداق ئاخبارات ياكى ئورگانلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك دېگەن ئۇقتۇرۇش بار؛ شۇڭا بۇ ھەقتە تيانشان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈڭ.

شياۋدۇڭلياڭ ساقچىخانىسىنى زىيارەت

مۇخبىر: سىز ساقچى ئوسمانجانمۇ؟
خادىم. شۇنداق، مەن شۇ.

مۇخبىر: قايسى كۈنى باققال بالىنىڭ ئېتىۋېلىش ۋەقەسى سىلەرنىڭ تەۋەلىكتە يۈز بەردىمۇ؟
خادىم: بۇ ھەقتە مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، ھازىر يىغىندا ئۇقتۇرۇلدى، ھېچكىمگە مەلۇمات بەرمەڭلار دەپ.

مۇخبىر: مەن پەقەت تەۋەلىكىنى سوراۋاتىمەن، تەپسىلاتىنى ئەمەس. ئوق تەككەن بالا ئۇيغۇرمۇ، ئەمەسمۇ؟ ۋەقە نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىپتۇ؟
خادىم: مەن ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، فېنجۇيدىكىلەرنى (رايوندىكىلەرنى) ئىزدەڭ.

تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت

خادىم: قايسى كۈنى پىچاق كۆتۈرگەن بالىنىڭ ئېتىلىش ۋەقەسىنى دەمسىز، ئۇنى نەنگۈەن ساقچىخانىدىن سوراڭ، ۋەقە شۇ يەردە يۈز بەردى.

نەنگۇەن ساقچىخانىنى زىيارەت

مۇخبىر: ئوق تەككەن بالىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قانداق؟
خادىم: بۇنى ساقچى مۇتەللىپتىن سوراڭ.

مۇخبىر: سىز مۇتەللىپمۇ، باققال بالا ھاياتمۇ، جان ئۇزدىمۇ؟
مۇتەللىپ: مەن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى پەقەت بىر كېچىلا قارىغان ئۇ بالىغا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: سىز دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندا ئەھۋالى قانداق ئىدى؟
مۇتەللىپ: يامان ئەمەستى.

مۇخبىر: ئوق قەيىرىگە تېگىپتۇ؟
خادىم: بۇ ئەھۋاللارنى دەپ بېرەلمەيمەن، بۇنى سوجاڭدىن سوراڭ.
خادىم: (ساقچىخانا باشلىقى، خىتاي): بىز ھېچنەرسىنى يوشۇرمايۋاتىمىز ۋە يوشۇرمايمىز، مەلۇمات بېرىشىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلىشىمىز كېرەك، شۇڭا مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەڭ.

مۇخبىر: ئەمىسە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرنىڭ تېلېفونىنى بېرىڭ؟
خادىم: تۇرغۇنجان تۇرسۇن. نومۇرى....

مۇخبىر: تۇرغۇنجان تۇرسۇن، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟
خادىم: بۇ ۋەقەگە تيانشان رايونلۇق ساقچىخانا مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلدى، شۇلاردىن سوراڭ.

مۇخبىر: سىز نەنگۇەن ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي قانۇن مۇدىرى تۇرغۇنجان تۇرسۇنمۇ ئەمەسمۇ؟
خادىم: ھە، مەن شۇ.

مۇخبىر: يۇقىرىدىكىلەردىن سورىساق، سىزنى جاۋاب بېرىدۇ دېگەنتىغۇ؟
خادىم: مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، فېنجۇيدىكىلەردىن سوراڭ.

مۇخبىر: سىزنىڭ ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ ياكى مەلۇمات بېرىش سىزنىڭ ھوقۇق دائىرىڭىز ئىچىدە ئەمەسمۇ؟
خادىم: ۋەقەنى مەن تۈزۈك بىلىپ كەتمەيمەن.

ۋەقە ھەققىدە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سۈرەت ۋە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن كىشى بىر باققال بولۇپ، ئۇ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن تىركىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋەقەگە ساقچىلار ئارىلىشىپ، ئۇيغۇر باققالغا ئوق چىقارغان. شۇ كۈنى 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان باققالنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.