ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ھاياتى بويى داۋام قىلغان ئىسىم ماجىراسى
2018.11.23

ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئەسلى ئەرزان توۋلاپ قويۇلغان ئىسمى «قاھىر» بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى «زامانغا ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قاراپ «غۇلام» غا ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئەمما ئۇ بۇ ئىسىمنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر شائىرنىڭ ئىسمى دەپ تونۇشتۇرۇلغان «مۇتەللىپ» دېگەن ئىسىمنى قوبۇل قىلغان. ئۇ «مۇتەللىپ سىدىق» دېگەن ئىسىم بىلەن چوڭ بولغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى «قاھىر» دىن ۋاز كېچەلمىگەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېزىقچىلىق ھاياتىغا ئۆتكەندە ئۆزىگە «قاھىرى» نى تەخەللۇس قىلىپ تاللىۋالغان. ئىسىم مەسىلىسىدە ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ بېشىغا كەلگەن بۇ ماجىرالار ئۇنىڭ كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى، ئىسىمشۇناس ۋە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە مەھبۇس بولۇپ لاگېرغا سولىنىشىغا سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ھال-ئوقىتى ياخشى دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇيغۇر رايونىدا تارقىتىلغان «مەدەنىيەت بوستانى» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى دەۋردە يۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ساھەدىكى يېتەكچىلىرىدىن بولغان قاھىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسلام مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت جايلاشقان «قاھىرە شەھىرىدە ئولتۇرغۇچى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «قاھىر» دېگەن ئىسىمنى قويغان ئىكەن. ئەمما ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزىگە بېرىلگەن «غۇلام» دېگەن ئىسىمنى ياخشى كۆرمىگەن، ئاندىن سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ فامىلىسىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ تاللىغان. ھالبۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن قويۇلغان، ئەمما ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان «قاھىر» دېگەن بۇ ئىسىمدىن مېھرىنى زادىلا ئۈزەلمىگەن.
ئۇ بالا چېغىدا ئۆز ئىسمىنىڭ چەكلىنىشىگە ھەيران بولۇش ۋە كېيىنچە ئۆز ئۆز ئىسمىنىڭ تۈرلۈك مەنىسىنى يېشىشكە ئىنتىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭدا ئەرەب تىلىغا قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. ئۇ مەكتەپتە چاغاتاي تىلى ئېھتىياجى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىللىق ئەرەب تىلى دەرسلىكىگە قانائەت قىلماي قەشقەردىكى شۇ دەۋرنىڭ دىنىي زاتلىرىدىن ئابدۇرېشىت قارىھاجىدىن ئەرەبچە ئۆگەنگەن. 1989-ۋە 1990-يىللىرى مىسىردا بىر يىل ئەرەب تىلىدىن بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ بوسۇغىسىغا ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن كىرىپ كەلگەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغاندا «قاھىرى» )قاھىرەلىكلەرگە خاس( دېگەن ئىسىمنى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىسىمشۇناسلىق ئىلمىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى، كېيىنكى ۋە ھازىرقى زامان ئىسىملىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، 23 مىڭ ئىسىمدىن تەشكىل تاپقان «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» نى يورۇقلۇققا چىقارغان.
مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىپ كەلگەن ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى دەم ئېلىشقا چىقىپ 8 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە شۇ ئىسىم ماجىراسىغا دۇچ كەلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بۇ قېتىم بىر تەرەپتىن «قاھىرى» دېگەن بۇ ئىسىمنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قويۇۋالغانلىقى، يەنى بۇ ئىسىمغا نېمە ئۈچۈن يېپىشىۋالغانلىقى ھەققىدە ھېساب بېرىشكە مەجبۇرلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» غا كىرگۈزگەن سەزگۈر ئىسىملار، يەنى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك پۇرىقى بار ئىسىملار» سەۋەبلىك سوراققا ئېلىنغان ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى دائىرىلەر ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن، «مۇسلىمە»، «شەھىدە»، «مۇخلىسە» قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ئىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» دىن تېپىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتا تېلېفون قىلىپ، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۆز تەخەللۇسى ياكى ئۇ تۈزگەن قامۇستىكى ئىسىملارنىڭ سەۋەب بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىملار مۇتەللىپ سىدىقنىڭ بۇنىڭدىن 2 ئاي ئاۋۋال تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى ۋە بۇنىڭ بىر «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكى، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ھەممە كىشىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
تېلېفونىمىز باغلانغان بەزى يەرلىك ئاھالىلەر مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇ باش مۇھەررىرلىك قىلغان مەزگىلىدە نەشر قىلىنغان «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دىكى ئاتالمىش «مەسىلىلىك ماقالىلەر» نىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى، ھەتتا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى ۋە پروفېسسورلىرىدىن ئەركىن ئۆمەر، قۇربان ئوسمان ۋە گۈلنار ئوبۇللارنىڭ ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلەردە مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشنىڭ بۇ تەرىپى تېخى دەلىللەنمىدى.