گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 5-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىشقا قارشى كۆرگەزمە ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە فالۈنگۇڭچىلار قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇرلاردىن باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ھەم ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.
ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات ساياھەت ۋە سودا مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. نەق مەيداندا ئىچكى ئەزا ئوپېراتسىيىسى تەقلىدىي ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى ئىنسان ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭمۇ ئوغرىلىنىپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي فالۈنگۇڭچىلار تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكى مەسئۇللىرىدىن چېڭ فامىلىلىك بىر كىشىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشىنىڭ پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭمۇ بۇنداق پاجىئەدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلگىرى بىر نەپەر ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ خاتىرىنىڭ چەتئەلدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. خىتاي زىيالىيسى چېڭ يەنە 1999-يىلىدىن باشلاپ فالۈنگۇڭچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭمۇ مەخپىي سېتىلىش تەقدىرىگە يولۇققانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن ئىچكى ئەزالىرى ئېلىپ سېتىلغان فالۈنگۇڭچىلارغا ئائىت نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلار بارلىقىنى، 1999-يىلدىن بۇيان ئىچكى ئەزالىرى سۇغۇرۇۋېلىنىپ سېتىلغان فالۈنگۇڭچىلارنىڭ سانىنىڭ ئاز دېگەندە 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش ئىشى شەخسلەر ئىلىكىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى بۇ جىنايەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس دوختۇرخانىلار ۋە ھەربىي دوختۇرخانىلاردا ئۆزلىرى بىۋاسىتە قول تىقىپ ئېلىپ بارماقتا. بۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلىنغان زىيانكەشلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.