ياپون قانۇنشۇناس: «شى جىنپىڭنىڭ 36-نومۇرلۇق پەرمانى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.02.04
Yaponiyelik-qanunshunas-kenshiro-305.jpg ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس كېنشىرو ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى فېۋرال، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015-يىلى 27-دېكابىر ماقۇللانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنىغا يۇقىرى باجا بېرىپ، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى خىتايدىكى مىللىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن 2016-يىلى يانۋاردىن باشلاپ خىتايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ياپونىيە جەمئىيىتىدىمۇ ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم قانۇنشۇناش مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى تۈرلۈك تور بەتلىرىدە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنىڭ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى قوغداش، خىتايدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيە قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، قانۇنشۇناس كېنشىرو ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

قانۇنشۇناس كېنشىرو ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 36-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى. بۇ قانۇن 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. خىتاي يېڭىدىن لايىھەلىگەن بۇ قانۇن مېنىڭ كۈچلۈك دىققىتىمنى تارتتى. مەن بىر قانۇنشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ بۇ قانۇنى توغرىسىدا ھازىرغىچە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق توپلاپ بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقاردىمكى، شى جىنپىڭنىڭ 36-نومۇرلۇق پەرمانى شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان. خىتاي بۇ قانۇننى رەسمىي يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنىي بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ۋە ئۆزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ چۈشەندىم. بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى تېررورلۇق ھەرىكەت ھېسابلىنىپ ئۇلار تېزلىكتە بېسىقتۇرۇلىدۇ» دېدى.

كېنشىرو ئەپەندى سۆزىدە: «خىتاي بۇ قانۇننى لايىھەلەپ خەلقئاراغا ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنى 31-دېكابىر ‹تېررورچىلارغا يان باستى› دېگەن باھانە بىلەن چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى» دېدى.

ئۇ،سۆزىدە يەنە: «خىتاي قوشنا دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىنى، ياپونىيە بىلەن سېنكاكۇ ئارىلىنى تالىشىپ، يالغان تارىخ يارىتىپ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن بۇ ئاراللارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياپونىيە بۇنىڭغا قىلچە يول قويمايدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ» دېدى.

قانۇنشۇناس كېنشىرو ئەپەندى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بېيجىڭدىكى، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغاننى ئاز دەپ چەتئەللىكلەرنى يەنى شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىمۇ تۇتقۇن قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بەردى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھازىر كىشىنى چۆچۈتىدۇ.»

خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا نىسبەتەن بىر قىسىم ياپونلارنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ قانۇنى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.