خىتاي پۇقراسى ۋاڭ پاكىستان چېگرا ئېغىزىدا قورال-ياراق بىلەن تۇتۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.06.01
wang-jyenju-pakistan-chegra-qoral-yaraq-1.jpg خىتاي پۇقراسى ۋاڭ جيەنجۇ پاكىستاندىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان قورال-ياراق ۋە كومپاس («پامىر ۋاقتى» گېزىتىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان). 2016-يىلى 25-ماي.
RFA/Qutluq

يېقىندا پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 25-ماي پاكىستاننىڭ سوست چېگراسى ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى ۋاڭ جيەنجۇ چېگرادىن خىتايغا قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا چېگرا قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدا 9 دانە تاپانچا، 200 پاي ئوق، ئىككى دانە كومپاس ۋە خەرىتە بارلىقىنى بايقىغان.

پاكىستاندىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى « پامىر ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 26-ماي سانىدا دېيىلىشىچە، پاكىستان سوست چېگرا قوغداش قىسمىنىڭ باياناتچىسى مۇباراكجان 25-ماي مەتبۇئاتلارغا پاسپورتى ئە 489976648 نومۇرلۇق خىتاي پۇقراسى ۋاڭ قورال ياراق بىلەن يوشۇرۇن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خەۋەرنى تۇنجى قېتىم پاكىستان مەتبۇئاتلىرىغا پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدىن چىقىدىغان «پامىر ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئابدۇراخمان بۇخارى ئاشكارىلىغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدىكى مۇخبىر ئابدۇراخمان بۇخارىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى پاكىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.