قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2023.09.08
qazaqistan-duq-paaliyet-00 قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا
RFA/Oyghan
qazaqistan-duq-paaliyet-00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-01

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-02

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-03

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-04

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-05

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-06

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-07

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-duq-paaliyet-08

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

7-سېنتەبىردە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئاقژول» رېستورانىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 70 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەت رەھىم مەڭسۈروف ۋە سەدىردىن ئايۇپوفلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتتى. باشلىنىش سۆزىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى سۆزلىدى. ئۇ، روشەن ئابباس ھەم ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن دەۋاسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ھەر جەھەتتىن تەقىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابدۇلھاكىم ئۆزىنىڭ ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› غا بەرگەن سۆھبىتىدە ‹ئاتامنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كۆرەش قىلىمەن دېدى› ، چېكىنمىدى. مانا مۇشۇنداق نەمۇنىلىك كىشىلەر بۇ. قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كۆرپىسى مۇشۇنداق. قۇرۇلتاي تەركىبىدە 40 قا يېقىن تەشكىلات بار. ئۇلار شۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. قۇرۇلتاي بىلەن بىللە.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە پەقەت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، كۆپ ساندىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئەلاخان سۇلتان، سادىر پالۋان، غېنى باتۇر، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدىگە ئوخشاش ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى؛ پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋەتەندىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، قازاقىستانغا تۇنجى قېتىم 1995-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىلاتى نامىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزى پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىغان مۇھىم شەخسلەرنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان لىدېرلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس مۇنداق دېدى: «بەش يىلنىڭ ئالدىدا خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلاپ، ‹ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىمەن، بۇنىڭدىن ھېچ كىمنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ› دەيتتى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭ دىكتاتور، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۆكۈمىتى، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، دەپ تونۇلدى.»

ئۇچرىشىشتا سۆزگە چىققان شەيمەردان شەرىپوف، ئالىمجان ھەمرايېفقا ئوخشاش قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى؛ ئابدۇغوپۇر قۇتۇلۇقوف، يۈسۈپ جوللايېف كەبى شائىر-يازغۇچىلار؛ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن دائىم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، قازاقىستاندىكى بارلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا؛ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا؛ مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى تەربىيەلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، دەسلەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرغان ۋە تۇنجى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش رەئىسى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئالاھىدە سالامىنى يەتكۈزدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئارىلاشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھايات يولىنى، باشتىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ يوقالمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىدىغان كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز پۇقراسى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى قوغدىغىنىغا بىز رەھمەت ئېيتىمىز. ئەمما يالغۇز بۇ يەتمەيدۇ. بۇنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا كېلىش مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىز قازاقىستانغا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئالمۇتادىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپلىرى بىلەن 5-سېنتەبىردە يېتىپ كەلدۇق. بۈگۈن ئامېرىكانىڭ ئالمۇتاغا يېڭىدىن كەلگەن باش كونسۇلى مىشېل ئېركىن بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، شۇنداقلا بىر قانچە ئىچكىي يىغىنلاردا بولدۇق. ئالمۇتادىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى، پائالىيەتچىلەر، ياش فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىلەر قاتناشتى، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە پىكىرلەشتۇق. بىز يەنە پائالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز.»

روشەن ئابباس خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى، سەنئىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىۋاتقان قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنچە ئۇزۇن زامان ئۇلار رۇسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يوقاتمىغانلىقىغا قاراپ، قاتتىق ئۈمىدلەندۇق، شۇنداقلا مىللىتىمىز يوقالمايدۇ دېگەن بۇ ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.»

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابدۇلھاكىم ئاكىمىز ۋە روشەن ھەدىمىزنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، چەت ئەلدە ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىپ، نەتىجىلەرنى خەلقىمىزگە يەتكۈزگەننىڭ ئۆزى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق. بۇ نەتىجىلەرنى ئاڭلىغان خەلقىمىز ۋەتەننىڭ چوقۇم ئازاد بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆزى يەتكەن بىر ھالەتتە روھلاندى.»

خانىم-قىزلار ئاكتىپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ئۆتتى، دەپ ئويلايمەن. روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. مەن ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدىن، ئانا-ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەت ئەللەردە مۇساپىر بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەرزەنتلىرىمىزگە ئاپىرىن دەيمەن. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. بولۇپمۇ ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ تەپسىلىي دوكلاتىدىن كۆپ مەلۇمات ئالدۇق. شۇنداقلا ئەنگلىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار توغرىلىق ياخشى مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلارنى يەنىمۇ ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭغا ياشلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىش كېرەك.»

ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىجرا قىلىنىپ، شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابىنى ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرىغا ھەدىيە قىلدى. مېھمانلارغىمۇ سوۋغىلار تاپشۇرۇلدى. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى يىغىن ئاخىرىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.