قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەتنىڭ رەسىملىرى ئەنقەرەدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە
2024.03.10
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 10-نۆۋەتلىك خەلقئارا گۈزەل سەنئەت-رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق رەسىملىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە 45 دۆلەتتىن تەكلىپ قىلىنغان 152 نەپەر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن رەسساملار بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان ۋە تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ رەسساملىرى سىزغان ماي بوياق رەسىملىرى ئورۇن ئالغان. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەتنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قىزىقىپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان.
45 دۆلەتتىن كەلگەن تونۇلغان رەسساملارنىڭ ھەر خىل تېمىلاردا سىزغان رەسىملىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى مىللىي ئەنئەنىلىرىنى زامانىۋى دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ قازاقىستان مەدەنىيەت-سەنئىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مەقسىتىم، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ۋە داڭلىق مۇزېيلاردا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ، قازاقىستان سەنئىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان مىللىي سەنئىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. مەن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىمۇ شۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. »
رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويغان ماي بوياق رەسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم ئەنقەرەدە ئېچىلغان خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىگە جەمئىي 12 پارچە ماي بوياق رەسىمىمنى قويدۇم. مېنىڭ رەسىملىرىمنىڭ تېمىسى ‹كونا كوچا› بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كوچا-كويلىرى، ئۆي-جايلىرى، ھايات شەكلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەرگە سىڭگەن ئىچكى مەزمۇن، مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ نەپىس سەنئەت ۋە پەلسەپە ھېسابلىنىدۇ. »
ئەنقەرەدە داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى 10-مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن. ئەخمەت ئەخەت ئەپەندى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىرىنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «كۆرگەزمىنى كۆرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىمگە بولغان قىزىقىشى زور بولۇۋاتىدۇ. مەن ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم. ماي بوياق رەسىملىرىمدە قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى خوجا ئەخمەت يەسەۋى مازىرىنىڭ 1880-يىلىدىكى كۆرۈنۈشى، قەشقەرنىڭ كونا كوچىسى، تۇرپان تۇيۇقتىكى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن سۆيۈملۈك بولغان مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن. زىيارەتچىلەر رەسىملىرىمنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتىدۇ.»
بىز رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈۋاتقان ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېرمان تىلى ئوقۇتقۇچىسى دىلەك تاھىر خانىمدىن تەسىراتىنى سورىدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى چوڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئىكەن. رەسىملەردىن بەك ھۇزۇرلاندىم. كۆرگەزمىگە ناھايىتى ياخشى رەسىملەر قويۇلۇپتۇ. مەن تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندىنىڭ رەسىملىرىنىمۇ كۆردۈم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەشقەر ۋە تۇرپاننىڭ تارىخىي ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە مەنزىرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىرى مېنى جەلپ قىلدى. ئۆزۈمنى گويا قەشقەرنىڭ تارىخىي كوچىلىرىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. »
بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىمۇ نەق مەيداندا سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنىڭ بۇ خەلقئارا كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەخمەت ئەخەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1993-يىلى ئەنقەرەدە، 1997-يىلى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، ئارقىدىنلا ئىتالىيەدە، 2008-يىلى ئەنقەرە بىلەن ئۈرۈمچىدە ھەم رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە، 2023-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ئالانيا شەھىرىدە مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان ئىكەن.