چەتئەللىك ساياھەتچىلەر خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ «چۆپقەت» لىرىگە ئايلانماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.08.05
xoten-yotqan-sayahet ساياھەتچىلەر خوتەن ناھىيەسىدىكى يوتقان قەدىمىي ساياھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش.2023-يىلى دېكابىر، خوتەن
www.ts.cn

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ تور چولپانلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، بەختىيار ۋە ئاسايىشلىق» ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى «ئىجابىي» ۋىدىيولىرىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى ئەۋجگە چىقماقتا.

1-ئاۋغۇست «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ئوبزور دەل بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. مەزكۇر ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، يۇتۇب ۋە ئىنستاگرام سۇپىسى قوللانغۇچى بىر قىسىم ۋىلوگېرلار (ۋىدىيو بلوگېرلىرى) خىتايدىكى ساياھەتلىرىدە كۆرگەنلىرىنى، ماڭغان-تۇرغان، ھەتتا يېگەن-ئىچكەنلىرىنىمۇ ۋىدىيو قىلىپ تارقاتقان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە، خىتاي شەھەرلىرىدىكى زور «تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش» لەرنى ماختاشقان. ھەتتا يۇقىرى ساندىكى ئەگەشكۈچىگە ئىگە بولغان بۇ ۋىلوگېرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلغان.

ئوبزوردا دېيىلىشىچە، بۇ تور چولپانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ خىتايغا كېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ پەقەتلا ساياھەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، سىياسەت، دىن بىلەن ھېچقانداق ئىشى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغان ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ۋىدىيوسىدا «ئەگەر سىز پەقەت غەرب تاراتقۇلىرىنىڭلا گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، خىتايدىكى بۇ جاي ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان جايدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم چەتئەللىك دىپلومات، مۇخبىر، تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشى خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىدەك ئۈنۈم بەرمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە تور چولپانلىرىنى يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان «تەشۋىقات ئۇرۇشى» نىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتسىمۇ، ھەق ئادالەت ئالدىدا خىتاينىڭ بۇ غەرەزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ قارىشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزوردىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ۋە بىر قاتار تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەرياندا ئۇ مۇشۇ نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ، ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

 «شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چەت ئەللىكلەردىن پايدىلىنىپ خىتاي ھەققىدە ئىجابىي تەشۋىقات قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆز ئىناۋىتى كۈتكىنىدەك تەسىر كۈچ پەيدا قىلالمايدىغان بولدى. دېمەك، ئۇلار خەلقئارادىكى ئىشەنچ ۋە ئىناۋىتىنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر پەقەت بۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاش ۋە يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئۇرۇنماقتا.»

ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغانلار خىتاينىڭ رايوندىكى ھەر خىل تەقىب نازارەت ۋە تەكشۈرۈشتىن مۇستەسنا بولالمىغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەر بىر بازارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. بىرەيلەن بۇ ئەھۋال ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، «بازارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلار كىرىپ چىققانلارنى تەكشۈرىدۇ» دېگەن ھەمدە ئۆزلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ساياھەت زىيارىتىدە سۈرەت ۋە ۋىدىيوغا ئالغان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ رايوندىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت تەقىب نازارەتكە ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك رايوندىكى خەلقلەر بىلەن سۆھبەت پاراڭلىشىشىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت بارغان بىر ئىسپانىيەلىك ئايال كوچىدىكى ساقچى ماشىنىسىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ياتاق ئالغىلى مېھمانخانىغا كىرگەندە مۇلازىمنىڭ ئاۋۋال ساقچىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، ئاندىن ساقچىنىڭ مېھمانخانىغا كېلىپ ئۇنى ئىزدىگەنلىكىنى توردا ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى، پائالىيەتچى زۇمرەت داۋۇت ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ تەقىب نازارەتكە ئېلىنىشى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئانالىزچى ما جۈنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە تور چولپانلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» نى داۋراڭ قىلىشى ئەلۋەتتە ئامېرىكا ياكى غەربكە قارشى تۇرىدىغان بەزى كىشىلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، خىتاينىڭ «تەشۋىقات ئۇرۇشى» دىكى بۇ خىل ئىستراتېگىيەسى يەنىلا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك «ئۈنۈملۈك» تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. ئۇ بۇ توغرۇلۇق ئۆز قارىشىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى.

 «چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئىلمىي تونۇش ۋە پاكىت تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئەدلىيە سىستېمىسىدا ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك تەسىر قوزغىيالمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرى ۋە ھىيلە-نەيرەڭلىرى ئارقىلىق پەقەت ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداش ئارقىلىق بەزى ‹ئىشەنچ› لەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان بۇ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك ھەقىقىي ئۈنۈم كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ياردەمچى سۈپىتىدىلا ئىنتايىن چەكلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى يېتەرلىك چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. »

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ھەتتا ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ ئىسپاتلانغان. بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ «تەشۋىقات ئۇرۇشى» سېپىگە «چۆپقەت» قىلىشى كۈنسايىن زور دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.