ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى 100كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان. زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغىر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيىلىرىدە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈم جازالاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىلىك يەر بايلىقلىرى ئىدارىسى، ئۆز ئىشچى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى، قويۇق دىنىي تۈس بېرىدىغان كىيىم - كېچەكلەرنى كەيمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 1000يۈەندىن 3000يۈەنگە قەدەر جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم يېزا ۋە كەنتلەردە، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلغۇچىلارغا 5 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. شايار ناھىيلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئاتىزىم يەنى دىنسىزلاشتۇرۇش تەربىيىسى ھەققىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. يىغىندا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 26 ئالامىتى شەرھىلەپ ئۆتۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى قائىدە ۋە تەدبىرلىرىنى «شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ھېلىھەم جىددىيلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىپتىدائىيلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.