2008 ‏ - يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مارتى ئاختىسارىغا بېرىلدى

نوبىل تېنچلىق كومىتېتى بۈگۈن 2008 ‏ - يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ سابىق فىنلاندىيە پرېزىدېنتى مارتى ئاختىسارىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مارتى ئاختىسارى نامىبىيە مۇستەقىللىقى ۋە كوسوۋا مۇستەقىللىقى قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا دىپلوماتىيە ساھەسىدە ھۇل سېلىش خاراكتېرلىك رول ئوينىغان.

نوبىل تېنچلىق كومىتېتى مۇكاپاتنىڭ مارتى ئاختىسارىغا بېرىلىش سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلدى: "ئۇ تېنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ھارمىغان ۋە ۋاز كەچمىگەن دۇنيا چىمپىيونىدۇر. بىز بۇ يىللىق مۇكاپاتنى بىر تېنچلىق توھپىكارىغا بەرگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز."

2008 ‏ - يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مارتى ئاختىسارىغا بېرىلىشى دۇنيادىكى مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلارغا ئىلھام دەپ قارالماقتا.

مارتى ئاختىسارى يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە كۆرۈلگەن بىر قەدەر مۇرەككەپ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن ئېتنىك توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇ 1977 ‏ - يىلى ب د ت نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە نامىبىيە مۇستەقىلچىلىرى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ئارىسىدا مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ھىندۇنېزىيىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان Aceh پارتىزانلىرى بىلەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۇچراشتۇرغان.

1992 ‏ - ۋە 1993 ‏ - يىللىرى سابىق يۇگۇسلاۋىيىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق تېنچلىق يىغىنىدا بوسنىيە تەرەپكە باش مەسلىھەتچى بولغان. كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ھارپىسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر پىلانى مارتى ئاختىسارى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئىراقتىكى سۈنئىي ۋە شىئە گۇرۇپپىلار ئارىسىدا خىزمەت ئىشلىمەكتە.

2008 ‏ - يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مارتى ئاختىسارىغا بېرىلىشى دۇنيادىكى مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلارغا ئىلھام دەپ قارالماقتا.

سېرىبىيە باش مىنىستىرى بۈگۈن مەزكۇر مۇكاپاتقا نارازىلىق بىلدۈردى. كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاچى مۇكاپاتنى تەبرىكلىدى ۋە "دەل ۋاقتىدا ۋە دەل جايىغا بېرىلگەن مۇكاپات،" دەپ مەدھىيىلىدى.