خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاشكارا ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى

4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە ئوچۇق ‏ - ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.06.02

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2 - ئىيون سەيشەنبە ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا يەنە شۇنداقلا، تيەنئەنمىن ئانىلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دىڭ زىلىن قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 4 - ئىيون ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە قاراتقان قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 20 كىشى خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە قامالغان.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ئايدا خىتاي خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى مۇدىرى ۋۇ باڭگوغا ئوچۇق خەت يوللاپ مەسئۇلىيەتنى تونۇپ 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قاماققا ئېلىنغانلارنىڭ ستاتىستىكىسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

20 - يىل ئىلگىرى خىتايدا يۈز بەرگەن مەزكۇر پاجىئە ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان ۋەقە بولۇپ، ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان بېيجىڭنى مەركەز قىلىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسى ھەققىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە ئىكەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە تۆت خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى تيەنئەنمېن ئانىلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا،خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئارىدا بىر ئوپىراتور ساقچىخانىدا ئىككى سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.