كىرىستوفېر سىمىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.17
2008.11.17
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى يەنە، ئامېرىكا - خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى بولۇپ، ئۇ رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ ۋېنجۇڭ بىلەن ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: "پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىككە ياتىدىغان بىر ئىش سۈپىتىدە مەن ئۇنىڭغا، 26 - 27 ھەپتىلىك بىر ھامىلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مۇداخىلە قىلىدىغان بولسا، بۇ ھامىلە ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم" دېدى.
كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى خىتاي ئەلچىسى جۇ ۋېنجۇڭغا يەنە، ئۆزىنى ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ كۆرۈشى لازىملىقىنى، ئەگەر بۇ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ قالسا قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
سمىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، كلارك لەنت ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆزلىشىپ ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ مەسىلىگە ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، لەنت ئەپەندىمۇ بۇ ئىشنى بەجانىدىل بېجىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا ناھىيە دادامتۇ يېزىسىدىن بولغان ئارزۇگۈل تۇرسۇن، قورسىقىدىكى 6 ئايلىق ھامىلىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇرلىنىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن مەزكۇر خەۋەر رادىئومىز ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ھەمدە دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئارزۇگۈل تۇرسۇن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەندىن كىيىن، مۈكۈنۈپ ياتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېلىنىپ ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن.









