NATO كەلگۈسى ئۇرۇش مەيدانى - ئىنتېرنېت ئۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى كەلگۈسى ئۇرۇش مەيدانى - ئىنتېرنېت ئۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئىنتېرنېت ئۇرۇشىنىڭ كەلگۈسى ئۇرۇشلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ناتونىڭ ھەمكارلاشقان ئىنتېرنېت مۇداپىئەسى ئالىي مەركىزىي ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تاللىنغا جايلاشقان. خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئېستونىيە ھەربىي ئەمەلدارى ئىلمار تامم نۆۋەتتە ناتو دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى مەسىلىسىدە ئىلغار قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنىمۇ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، شۇڭلاشقا ناتونىڭمۇ بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

نوتا غا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈندىن ئېتىبارەن ئېستونىيە پايتەختى تاللىننغا يىغىلىپ، ناتونىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكتە ئىدى.