ھامىد كارزاي، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچراشقاندا ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئۇچراشقان ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي، ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.27

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ھەرىكىتىگە بېرىۋاتقان ياردەملىرىگە رەخمەت ئېيتقان پرېزىدېنت كارزاي، ئافغانىستان تەرەققىيات ساھەسىدە ئۆزى 50 ياكى 60 يىلدا باسالايدىغان مۇساپىنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن 6 - 7 يىلدا باستى،" دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر قىسىم بىگۇناھ ئافغان پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمى نەتىجىسىدە يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ياخشىلاشقا تىرىشماقتا.

ئافغانىستاندا تالىبان قالدۇقلىرى يېقىندىن بېرى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبان قالدۇقلىرى بولۇپمۇ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا بىگۇنا ئافغان پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن، يەرلىك خەلقلەرنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغانىستاندىكى\چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇشتا بىر تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرى روبرت گېتس يېقىندا بەرگەن باياناتىدا، كېلەر ئەتىيازدىن باشلاپ ئافغانىستانغا قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىشكە باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە ئافغانىستان 31000 ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئافغانىستاندا مەۋجۇت چەتئەل ھەربىي قىسىملىرىنىڭ %50 پىرسەنتىنى تەشكىللەيدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.