بىر قېتىملىق توقۇنۇش ھەلموند ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەشكەرگاھ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، تالىبانلار ئېغىر - يېنىك قوراللار بىلەن ناتو قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغاندا، ناتو ۋە ئافغانىستان قوشۇنلىرى قايتۇرما زەربە بېرىپ، 60 نەچچە نەپەر تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەن.
ئەسلىدە تالىبانلار لەشكەرگاھ شەھىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەلموند ئۆلكىسىدىكى يەنە بىر يەردىمۇ ئۈچ كۈن جەڭ يۈز بېرىپ، 40 نەچچە تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئۇرۇشلاردا ناتو تەرەپ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىمۇ قوللانغان بولۇپ، ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلىش قىيىن بولغان.
ئامېرىكا ئوفىتسېر، بۇ ئۇرۇش جەريانىدا پۇقرالار ئۆلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلغان. بۇ يېقىندىن بۇيان بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ تالىبان پىدائىيلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
