ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە 10 نەپەر تالىبان پىدايىسىنى ئۆلتۈردى

ناتو ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-05-09
Share

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىرات ئۆلكىسىدىكى تالىبانلار شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە يەرلىك قوغدىغۇچىلاردىن تۆت نەپىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. چۈنكى، مەزكۇر يەرلىك قوغدىغۇچىلار ئۇلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.

نەتىجىدە، ناتو ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىدىن تۈزۈلگەن بىرلەشمە ئارمىيە يەرلىك قوغدىغۇچى خادىملارنى ئۆلتۈرگەن تالىبانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئون نەپىرىنى يوقاتقان.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بۇ ھەپتە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھامىد كارزاي تالىبانلارنى ئۇرۇش توختىتىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تالىبانلار بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقلىرى ۋە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت