ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئافغان ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۈمە كۈنى ئافغان پرېزىدېنتى كارىزىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئافغان ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن ئافغان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشلاردا يېتەكلەش ئورۇندا تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


ئوباما ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئافغان قوشۇنلىرىغا ھەمدەمچى قوشۇن ئورنىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغان پرېزىدېنتى كارىزى بولسا ئافغان قىسىملىرىنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارزاى ئاقسارايدىكى ئۇچۇرۇشلاردىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى 2014 - يىلىنىدىن باشلاپ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.