ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىدە 600 دۇكان كۆيۈپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى ئىككى چوڭ بازاردا يەكشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان كۆيۈپ كەتكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈنلەي كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىنىدىغان مەزكۇر ئىككى بازاردا شەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى باشلانغان بولۇپ، ئوت ئاپىتى يەكشەنبە كۈنى چۈشكىچە داۋاملاشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە كابۇل شەھىرىنى ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان. مەزكۇر ئاپەتتە بىر قانچە مىليون دوللار زىيان تارتىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئەمما، بۇ ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى سادىر بولمىغان. ئوت ئاپىتى باشلىنىش بىلەن تەڭ كىشىلەر پۇللىرىنى ئېلىپ بازارنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.

بۇنداق چوڭ بازارلارنىڭ كۆيۈپ كېتىش ئىلگىرى پارۋان ۋىلايىتىنىڭ چارىكان شەھرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ ئونلاپ دۇكانلار كۆيگەن. نۆۋەتتە، كابۇلدىكى مەزكۇر ئىككى چوڭ بازارنىڭ كۆيۈش ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە، بەزىلەر ئۇنىڭ توك يولىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. ھازىرچە بۇ بازاردا خىتاي، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئەللەر سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.