ئافغانىستان سايلىمىدىكى ھەر ئىككى نامزات سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھەر ئىككى نامزاتى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن 2 ‏- سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.21

سايلام نامزاتلىرىدىن ھازىرقى پرېزىدېنت ھامىد كارزاينىڭ سايلام ياردەمچىسى، ھازىرغىچە سانالغان بىلەتلەردىن قارىغاندا كارزاينىڭ زور پەرق بىلەن ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى، 2 ‏- قېتىملىق بىلەت تاشلاشقا ھاجەت قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ھامىد كارزاينىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا ئابدۇللاھنىڭ باياناتچىسى، كارزاينىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىغا دائىر پىكىرلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئابدۇللاھنىڭ بىلەت تاشلاش جەريانىدىكى سايلام بىلىتى كارزايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئافغانىستان سايلام كومىتېتى پۈتۈن بىلەتلەرنى ساناپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ، ھەر قايسى نامزاتلارنىڭ تەخىر قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، رەسمىي سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا يەنە بىر قانچە كۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئافغانىستان قانۇنىغا ئاساسەن نامزاتلار سايلام بىلىتىنىڭ ئاز دېگەندە 50% ئىگە ئېرىشسە سايلامدا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئېرىشكەن بىلىتى 50% كە يەتمىسە 2 ‏- قېتىم بىلەت تاشلاش كېرەك.

سايلامدىن بۇرۇنقى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى پرېزىدېنت كارزاي باشقا نامزاتلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىدا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.