ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رادىئاكتىپلىشىش ئالامىتىنى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئابدۇراھمان بايقىدى

بالتىمور قۇياشى گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما قازاسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رادىئاكتىپلىنىش ئالامەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە رادىئاكتىپلىنىش مىقدارىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن مۇتەخەسسىس ئۇيغۇردۇر.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-04-05
Share

بۇ مۇتەخەسسىس نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىنىڭ سەھىيە باشقارمىسىنىڭ رادىئاتسىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر لابوراتور ئابدۇراھمان ئابلىمىتتۇر.

بالتىمور قۇياش گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇراخمان ئابلىمىتنىڭ بايقاش جەريانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ بايقاش مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ قۇرۇلغان 30يىلدىن بۇيانقى خىزمەت غايىسىگە مۇناسىپ بىر نەتىجە دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئاۋۋال ياپونىيىدە ئىلىم تەسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ 2005-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت