ئامېرىكا تەيۋەنگە ساتىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشماقتا

ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلمەكچى بولغان كۈرەشچى ئايروپىلان مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2012.04.28

ئەگەر 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بۇ قورال - ياراق سودىسى ئەمەلىيلەشسە، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقى ئېگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئاقساراي دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ 66 دانەF_16 تىپلىق رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش تەلىپىنى توختىتىپ قويغان.

كېين ئاقساراي ۋە ئوباما ھۆكۈمىتى «مەزكۇر پىلاندىن خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ۋاز كەچتى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاقساراي دائىرىلىرى نۆۋەتتە يۇقىرىقى قورال ياراق سېتىپ بېرىش تەلىپىنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇ خەۋەر تەيۋەن دائىرىلىرىنى خۇرسەن قىلغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: بىز دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرنى قارشى ئالىمىز ۋە تەشەككۈر ئېيتىمىز، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.