ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى

ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانسى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ دىئالوگدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.05.09

لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە تەرەپلەرنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم دىئالوگنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ  «بىزنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىش، ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئالغا سۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى خاتا چۈشىنىۋېلىش ۋە خاتا مۆلچەرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تېخى باشلانغۇچ نۇقتىدا.

بىز ھەممىمىز بىلىمىز، ئەنسىزلىك ۋە بىر-بىرىمىزگە بولغان تونۇش ھەر ئىككى تەرەپكە خاس بولغان نەرسە» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق  دىئالوگدىكى بىر قەدەر قىيىن نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆكتىچى زاتلار، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

كلىنتون خانىم ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ «بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىمىزنى ئاشكارا ۋە خۇسۇسى قاناللار ئارقىلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بىز بۇنىڭ ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتى ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋە رايون مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز.

بىز كىشىلەرنىڭ جۈملىدىن خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، يازغۇچى، سەنئەتچىلەر ۋە باشقىلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى، ئىز‏-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولدۇق.

بىز تارىخىي تەجرىبىلەردىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان جەمئىيەتلەرنىڭ گۈللىنىدىغانلىقى، مۇقىملىققا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

خەۋەرلەردە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۈگۈن دىئالوگ ئۆتكۈزۈۋاتقان تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.