ئامېرىكىدىكى لېخمان قېرىنداشلار بانكىسىدىن زايوم سېتىۋالغان خوڭكوڭلۇقلار خوڭكوڭدا ماجرا چىقاردى

ئالدىنقى ھەپتە ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكىدىكى لېخمان قېرىنداشلار بانكىسىدىن زايوم سېتىۋالغان خوڭكوڭلۇقلار، بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتى ۋە خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم بانكىلارنىڭ ئالدىدا ماجىرا پەيدا قىلغان.

يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئالدى بىلەن خوڭكوڭ پارلامېنتى ئالدىغا توپلىنىپ، خوڭكوڭدىكى بانكىلارنىڭ خاتا ئۇچۇر بېرىپ ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. ئارقىدىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆز ھېساۋاتلىرى بولغان بانكىلارنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بانكىلار زايوم سېتىۋالغۇچىلارغا، ئامېرىكا لېخمان قېرىنداشلار بانكىسىنى 150 يىللىق تارىخىي بار بانكا، زىيان تارتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ تونۇشتۇرغان، ھەتتا بەزىلىرىگە ئەڭ يامان ئەھۋالدىمۇ مەبلەغ سالغان پۇلىنىڭ ئاساسى قىسمىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرزدارلار ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى بانكىلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ جەرياندا بىرقىسىم ئەرزدارلار خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە بانكا مەسئۇللىرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ۋە زىياننى تۆلىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەرزدارلار بىلەن ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئارىسىدىمۇ سۈركىلىش پەيدا بولغان. خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدىغانلىقى ۋە مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

بانكا مەسئۇللىرى بولسا كرىزىسنىڭ دۇنياۋىي خاراكتېرلىك بىر كرىزىس ئىكەنلىكىنى، كرىزىس ئوڭشالغىچە ئارىلىقتا ئەرزدارلارنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشىنى ئۆتۈندى.