ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىنى تەييارلىماقتا

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوباماغا بىر پىلان تەييارلاشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتىس، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى قانداق تاقاش مەسىلىسىدە بىر پىلان تەييارلاش توغرىسىدا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر پىلان باراك ئوباما 20‏ - يانۋار كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يېڭى پرېزىدېنتغا سۇنۇلىدىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەن گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى دەپ جاكارلىغان ئىدى.

نۆۋەتتە گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 250 ئەتراپىدا مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋاشىنگتون رايونلۇق ئامېرىكا فېدېرال سوتى ئۆكتەبىر ئېيىدا گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىپ قويۇپ بېرىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتىنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقىغا قارشى فېدېرال ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

لېكىن گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن ۋە ئامېرىكا فېدېرال سوتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا 11 ‏ - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ھېسابلانغان خالىد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىق تېررور گۇماندارلىرىمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تولۇق بەت