كاندىلىزا رايىس ھىندىستاندىن ئامېرىكىنىڭ قانداق ياردەم بېرىشى ھەققىدە پىكىر ئالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.03
2008.12.03
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، رايس خانىم بۈگۈن ھىندىستان دائىرىلىرىدىن، بومباي ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا قانداق ياردەم بېرىش لازىملىقى ھەققىدە پىكىر ئالدى. شۇنداقلا يەنە، پاكىستان دائىرىلىرىنى بومباي ۋەقەسىگە دائىر مەسىلىلەردە ھىندىستان بىلەن تۇلۇق ۋە ئۇچۇق - يۇرۇق ھالدا ياردەملىشىشكە چاقىردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى، ئەگەر پاكىستان بومباي ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقىدىن باش تارتسا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق بۇزۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىپ ئەلى زاردارى تۈنۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھىندىستاننىڭ بومباي ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پاكىستانلىق دەپ بايان قىلغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، 'ھىندىستان بىزگە بۇ كىشىلەرنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق دەلىل كۆرسەتمىدى، مەن بۇ كىشىلەرنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن' دېگەن ئىدى.









