ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل مەيدانىنى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دىپلوماتى دوگلاس گرىفىس ئەپەندى سەيشەنبە كۈنى جەنۋە شەھىرىدە بىلدۈرگەن.

گرىفىس ئەپەندىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدىكى نامايىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دەرد - ئەلەملىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىش قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ يەنە، ئىران ۋە رۇسىيىلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىمۇ ئەيىبلىگەن.

دوگلاس گرىفىس، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ چېچىنىيىلىك پائالىيەتچى ناتاليا ئەستېمىراۋانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈستىدىن رۇسىيىنىڭ تولۇق مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.