ئۇ بۇ سۆزلەرنى، قاتارنىڭ داۋھا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئىسلام مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويدى. كلىنتون خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىران مەسىلىسىگە نىسبەتەن قارار ئالىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: "بىز رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىراننى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۆندۈرىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تەييارلاش ۋە يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز،" دېدى.
كلىنتون خانىم يەنە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى جاھىللىقىنىڭ ئىراننى بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۇران قويۇلدۇرۇشنى توختاتمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن رۇسىيە قوللاش تەرەپدارىنى ئالغان بولسىمۇ، خىتاي ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
