ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈتكەندىن تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈتكەندىن تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىد نۇرى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كرىزىسى ئىچىدىكى بانكا سىستېمىسىنى قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پاي چېكى بازارلىرىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆسۈش ھالىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈش ھالىتى لوندون، پارىژ، فرانكفورت ۋە توكيو بازارلىرىدىمۇ شەكىللەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ساغلام يولغا سېلىش ئۈچۈن 500 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ، بانكا سىستېمىسىنى كرىزىسقا پاتۇرغان " زەھەرلىك مەبلەغ" لەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، "ۋولسترىت" گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىمىتي گايتنېر سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ بەلكىم 1 تىرىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

پرېزىدېنت ئوباما "س ب س" تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى نەتىجىدە تۆۋەن نىسبەتتە قەرز يېڭىلىغۇچى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.